Welcome, Guest
Username: Password: Remember me

TOPIC: ۋەتىنىمىزدە غايەت زور كان بايلىغى بايقالدى.

ۋەتىنىمىزدە غايەت زور كان بايلىغى بايقالدى. 28 Set 2016 08:18 #1

  • Anonymous
  • Anonymous's Avatar
ۋەتىنىمىزدە غايەت زور كان بايلىغى بايقالدى.


ۋەتىنىمىزنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدە بايلىق زاپىسى 19 مىليون توننىلىق دۇنيادا ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قوغۇشۇن-سىنىك كانى بايقالغان بۇلۇپ، بۇ ھازىر جۇڭگۇدىكى بايلىق زاپىسى ئەڭ چوڭ بولغان قوشۇغۇن-سىنىك كانى ھىساپلىنىدىكەن.
كان رايونى دېڭىز يۈزىدىن 5500 مىتېردىن ئېگىز بولغان ئادەمسىز رايونغا جايلاشقان بۇلۇپ، كۆلىمى 6.6 كىۋادرات كىلومىتىرغا يېتىدىكەن، كان رۇدىسى قېلىن، كۆمۈلۈشى تېيىز، سۈپىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بايلىق زاپىسى 18 مىليون 949 مىڭ 600 توننا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سانائەتتە قازغىلى بولىدىغان زاپاس مىقدارى 18 مىليون 873 مىڭ 700 توننا بولۇپ، %99.6 نى ئىگەنلەيدىكەن.
The administrator has disabled public write access.
Time to create page: 0.093 seconds
Power by: Arslan Rahman