Welcome, Guest
Username: Password: Remember me

TOPIC: Kulsizlaxturux

Kulsizlaxturux 03 Apr 2017 18:34 #1

  • Anonymous
  • Anonymous's Avatar

Kulsizlaxturux

مېرىكا ۋە ياۋروپادا قۇللۇق تۈزۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى، يەنى 15-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە ئافرىقىلى 15 مىليۇن قارا تەنلىكنى ئامېرىكا قىتئەسىگە ئاپىرىپ سېتىشتەك ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان قۇل سودىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قوزغالغان ھەرىكەت. 1783-يىل، ئەنگلىيەدىكى «دىنىي قېرىنداشلار جەمئىيىتى» بۇ ھەرىكەتنى قوزغىغان. ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى، قۇلسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىلى ۋىلىيام ۋىلبېر فورس (1759-1833) تۈرتكىسى ۋە تەسىرىدە، 1807-يىل ئەنگلىيە بۈيۈك بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىدە قۇل سېتىشنى قانۇنسىز دەپ بېكىتتى (بىراق 1834يىلىغىچە، قۇلى بولۇش قانۇنلۇق بولدى). 1795-يىل، فىرانسىيە ئاساسىي قانۇندا قۇللۇق تۈزۈمنى ئەيىبلىدى ھەمدە «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»غا قۇلسىزلاشتۇرۇشنى كىرگۈزدى. 1848-يىل، فىرانسىيە ئەنگلىيەگە ئەگىشىپ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلدى. ئامېرىكىدىكى قۇلسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى 1688-يىلىدىكى «دىنىي قېرىنداشلار جەمئىيىتى»نىڭ قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تەكلىپنامىسى سۇنۇلغان كۈندىن باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ تەكلىپنامە كېيىنچە نەتىجىگە ئېرىشكەن. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالدىكى ھەرقايسى شىتاتلار قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلدى، 1808-يىل، قۇل ئىمپورتى قانۇنسىز دەپ بېكىتىلگەن، بىراق جەنۇبتىكى ھەرقايسى شىتاتلار قۇللۇق تۈزۈمنى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىدىكى مۇھىم تەركىپ ۋە ياشاش ئۇسۇلى دەپ قارىغاچقا، دەھشەتلىك جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى(1861-1865) پارتىلىدى. 1865-يىل 12-ئايدا قۇللۇق تۈزۈمنى رەسمىي بىكار قىلدى. قانۇنىي جەھەتتىن، بۈگۈنكى دۇنيادا قۇللۇق تۈزۈم مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادا يەنىلا 27مىليۇن كىشى قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئاسارىتىدە ياشىماقتا ئىكەن.
The administrator has disabled public write access.
Time to create page: 0.126 seconds
Power by: Arslan Rahman