Welcome, Guest
Username: Password: Remember me

TOPIC: يالقۇن روزىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 17يىل

يالقۇن روزىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 17يىل 26 Lug 2017 12:19 #1

  • Anonymous
  • Anonymous's Avatar
يالقۇن روزىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 17يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى


ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئالىم، ئۆلىمالارنى تۇتقۇن قىلىش، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا مەھكۈم قىلىش بىلەن بىرگە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىرىمىزنى زەربە بېرىش ئوبىيېكتى قىلىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن قاماققا مەھكۈم قىلماقتا.

ئۇلاردىن كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، ئوبزورچى يالقۇن روزىنى 2016-يىلى 11-ئايدا تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىغان.ئۇنىڭ بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن «مىسرانىم» تورىنىڭ ساھىبى ئابابەكرى مۇختەر، «مىسرانىم» تورىنىڭ كورلىدىكى تور بەت باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت مارشال، «باغداش» تورىنىڭ ساھىبى ئەكبەرجان ئەسەد، داڭلىق تور يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە، تۇنىياز، ئابدۇرازاق، ئالىمجان قاتارلىقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىمۇ ئۇلارنىڭ 2016-يىلى ئىنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلىنغان يازمىلىرى سەۋەبلىك ۋە تەشەببۇسلىرى تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا يالقۇن روزىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن 2017-يىلى 7-ئايدا، 17يىللىق تۈرمىگە مەھكۇم قىلغانلىقى ئاشكارا بولدى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلارنى ھەر خىل بوھتان ۋە تۆھمەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، ئېغىر جازالارغا مەھكۈم قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يېتەكلەيدىغان كىشلەردىن ئايرىپ تاشلاپ نادان، غەپلەت ئىچىدە قالدۇرۇپ تاجاۋۇزچىلىق ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا ھەركەت قىلماقتا.



The administrator has disabled public write access.
Time to create page: 0.076 seconds
Power by: Arslan Rahman