Welcome, Guest
Username: Password: Remember me

TOPIC: سودا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى- كەينىدە

سودا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى- كەينىدە 06 Set 2018 21:10 #1

  • Anonymous
  • Anonymous's Avatar
سودا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى- كەينىدە
تۇنيۇقۇق
.
22- مارتتا باشلانغان ئامرىكا خىتاي سودا ئۇرۇشى داۋاملاشقىلىمۇ 6 ئاي بولۇپ قالدى. مەن ئىزدەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەسلىدە ئامرىكا 6- سىنتەبىرگىچە خەلق رايى نەتىجىسىنى ئىلان قىلىپ، ئىجرا قىلىش ۋاقتىنى ئىلان قىلاتتى. ئەمما ھازىرغىچە ساقلاپ باقساممۇ يىڭى خەۋەر يوق. ئاڭغىچە مەن تۆۋەندە بۇ سودا ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى، جەريانى، ئىككى تەرەپنىڭ كوزۇرلىرى ۋە سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى توغرىسىدا ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەنچە بەرگەچ تۇراي، كىيىن قويسام ۋاقتىم يەتمىگۈدەك.
ئامرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشى/ چىگرا بېجى ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى:
تېگىدىن ئىيىتقاندا، خىتاي بىلەن ئامرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى قارىماققا ئىقتىسادىي ئۇرۇشتەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭ يىلتىزى يەنىلا سىياسىي تۈزۈلمىدە. سودا مۇناسىۋىتىدە ساختىلىق، ئوغۇرلۇق، كۆچۈرمىچىلىك، ئادىل بولماسلىق قاتارلىق ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ نىگىزى بولغان مۇستەبىت خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىدە.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامرىكا خىتاي بىلەن دوستلىشىپ، سوۋىتقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن1971- يىلى خىتاينى يېنىغا تارتقان. 1991- يىلى دىكابىردا سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغانغان. ئامرىكا خىتاينىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە مەبلەغ سېلىپ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بىرىش، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى زىيادە چەكلەش، چەتئەل كارخانىلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بىرىشكە مەجبۇرلاش، ئوغۇرلاش، ساختىسىنى ياساش، چەتئەلدە خىتاي كارخانىلىرىنى زور مىقداردا يۆلەش، دۆلەت مالىيەسى ئارقىلىق چەتئەل كارخانىلىرىنى سېتىۋىلىش قاتارلىق ناتوغرا رىقابەتتە بولغان. خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كىيىن، يۇقارقى قىلمىشلارنى تۈزەتمەكتە يوق، يەنە زور مىقداردا خىتاي ماللىرىنى ئىكىسپورت قىلىشنى ئاساس قىلىپ، چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىشنى تىزگىنلىگەن. خىتاي بىلەن سودا قىلغان دۆلەتلەر ئاساسەن دىگۈدەك ئىمپورت- ئىكىسپورتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن قاقشاپ كەلگەن. ئامرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ زور پەرق ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئامرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت سوممىسى تەخمىنەن 470 مىلىيارد دوللار بولسا، خىتاينىڭ ئامرىكىدىن ئىمپورت سوممىسى 130 مىلىيارد، يىللىق پەرق ئوتتۇرىچە نىسبىتى 4:1 بولغان. خىتاينىڭ ئامرىكا ماللىرىغا قويغان بىجى، ئامرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان بىجىدىن 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. مەسىلەن، ئامرىكا ماشىنىلىرىغا خىتاي %25 باج ئالسا، ئامرىكا خىتاي ماشىنىلىرىغا %2.5 باج ئالىدۇ.
ئامرىكا 27 يىلدىن بىرى بۇ مەسىلىدىن ئىچى پۇشۇپ تۇرسىمۇ، ئىلگىرىكى پىرىزدىنتلار چىڭ تۇتمىغان. چۇرامپ پىرىزدىنت سايلىمىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانغا ۋەدە بەرگەن، ئىلگىرىكى پىرىزدىنتلارنى "ھاماقەتلىك قىلىپ خىتاينىڭ قاقتى- سوقتى قىلىشىغا يول قويغان" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. شۇ ۋەجىدىن، چۇرامپ بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشىنى " قايتۇرما ھۇجۇم" دەپ ئاتايدۇ. ئامرىكا: ئىككىمىز باشتا پۈتۈشكەندە مەن سەندىن كۈندە 100 دوللارلىق مال سىتىۋالسام، سەنمۇ مەندىن 100 دوللارلىق مال سىتىۋالىدىغان بولغان. ئەمما مەن كۈندە 100 دوللارلىق مال سېتىۋالساممۇ، سەن خىتاي ئاران 60 دوللارلىق مال سېتىۋالدىڭ. سەن مەندىن كۈندە 40 دوللار كۆپ پۇل تېپىۋاتىسەن، باي بولىۋاتىسەن. بۇنى يىلىغا 10 دوللاردىن ئازايتىپ ، پەرقنى كەم دىگەندە 20دوللارغا چۈشۈر" دەۋاتىدۇ. خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ ئەركىن سودا ئەخلاقىغا، خەلقئارا سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىتراپ قىلماي، "ئامرىكىنى ئۆكتەملىك بىلەن باج ئۇرۇشى قوزغىغان" دەپ ئەيىبلەيدۇ.
جەريانى:
سودا ئۇرۇشى يىقىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە ئىككى قەدەمگە بۆلۈنۈپ ئىلىپ بىرىلدى. ھەر بىر قەدەمدە ھۇجۇم يەنە ئۈچ باسقۇچ بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بىرىنجى باسقۇچتا قارشى تەرەپكە باج ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلاش، ئىككىنجى باسقۇچتا باج ئۆستۈرۈلىدىغان تاۋارلارنىڭ تىزىملىكىنى ئىلان قىلىش ۋە خەلق رايىنى سىناش، ئۈچىنجى باسقۇچتا رەسمىي ئىجرا قىلىش. ھەر بىر قەدەم بېسىلغۇچە ئارىلىقتا ئىككى تەرەپ ئىككى قىتىم سۈلھى سۆھبەت ئىلىپ باردى، ئەمما نەتىجىسىز ئاياغلاشتى.

1- قەدەمدە ئامرىكا خىتاينىڭ 50 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى مېلىغا %25 باج ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 23- ئاۋغۇسىتقىچە 3 قەدەم بىلەن ئەمەلىيلەشتۈردى. خىتايمۇ ئوخشاش سوممىدىكى مالغا ئوخشاش دەرىجىدە، ئوخشاش كۈندە باج قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۈچ باسقۇچنى بىر قەدەمدىلا ئەمەلىيلەشتۈردى.

2- قەدەمدە، ئامرىكا خىتاينىڭ يەنە 200 مىلىيارد دوللار قېممىتىدىكى مېلىغا %25 باج ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ئامرىكىنىڭ 60 مىلىيارد دوللار قېممىتىدىكى مېلىغا %5~%25 كە قەدەر باج ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر ئىككىنجى قەدەملىك باج ئۆستۈرۈشمۇ ئەمەلىيلەشسە، ئامرىكا خىتاي ماللىرىنىڭ يىرىمىگە، خىتاي ئامرىكا ماللىرىنىڭ %90 گە باج ئۆستۈرگەن بولىدۇ. ئەگەر باج ئۇرۇشى 3- قەدەمگە تەرەققىي قىلىپ، چۇرامپ ئىيىتقاندەك 400 مىلىيارد دوللارغىچە يەتسە، ئامرىكا %90 خىتاي مېلىدىغا باج ئۆستۈرگەن بولىدۇ.

1- قەدەم 1- باسقۇچ (1-1): 22- مارت، ئامرىكا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 50~60 مىلىيارد دوللار قىممىتىكى مالغا چىگرا بىجىنى%25 كە ئۆستۈردى. باج ئۆستۈرۈلىدىغان1300 تۈرلۈك ماللار: پولات، ئاليۇمىن، كىيىم- كىچەك، ئىلىكتىرونلۇق بويۇملار ، ئويۇنچۇق قاتارلىق خىتاي ماللىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئىلان قىلغان. خىتاي تەرەپ باج ئۆستۈرىدىغان ماللار ئاساسلىق گۆش، مىۋە- چىۋە، دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، پولات ماتىرىياللىرى قاتارلىق 106 تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئامرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان 130 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى مالنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ھىسابلىنىدۇ. ئامرىكا تەرەپ 50 مىلىيارد دوللار قىممىتىدە، خىتاي تەرەپ 3 مىلىيارد دوللار قىممىتىدە، ئامرىكا 1300 تۈرلۈك مال، خىتاي 106 تۈرلۈك مالغا، ئامرىكا سانائەت بويۇملىرىغا، خىتاي يىمەك- ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىغا باج ئۆستۈرمەكچى بولغان. ئەمما ئامرىكا –خىتاي سودىسىدىكى نىسبىتى ئەڭ زور پۇرچاقنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئىدى. بۇ زور پەرقتىنلا خىتاينىڭ ئامرىكىدىن قورقۇيدىغانلىقى، گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوقلۇقى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلىغا قارىماستىن خىتاي يەنە گەپ ئوينۇتۇپ "ئامرىكا ئۆزىنى بىلمەي شىلتىڭ ئاتتى، تىزدىن ھۇشىنى تىپىۋالسۇن، بولمىسا ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدىغان ئاقىۋەتكە قالىدۇ" دەپ لاپ ئۇردى.

خىتاينىڭ بۇ قىلىقىغا قارىتا ئامرىكا 4- ئاپرىل يەنە 100 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي مىلىغا باج ئۆستۈردىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭشىڭ شىركىتىگە 7 يىللىق ئىمبارگو ئىلان قىلدى. خىتاي بىر ئاز يۇمشاپ چەتئەل كارخانىلىرىغا چەكلىمىنى ئازايتىش، ئامرىكا پۇل- مۇئامىلە، توكلۇق ماشىنىلىرىغا باجنى تۆۋەنلىتىش، ئادەتتىكى ماشىنىلىرىغا 5 يىلدىن كىيىن باجنى تۆۋەنلىتىش، راك كىسەللىكىگە قارشى دورىلاردىن باجنى كۆتۈرىۋىتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەردى. ئەمما بۇلار نەق پايدا بەرمەيدىغان، خىتاي ئۈچۈن ۋاقىت ئۇتۇپ بىرىدىغان تەكلىپلەر بولغاچقا ئامرىكا يەنىلا قوبۇل كۆرمىدى.5- ئايدا، خىتاي ئامرىكىغا سۆھبەت ئۆمىكى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، نەتىجىسىز قايىتتى. خىتاي ئامرىكىدىن 70 مىلىيارد دوللار قىممىتىدە مال سېتىۋىلىش بەدىلىگە باج ئۆستۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولدى. ئامرىكا خىتاينىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشەنمىگەچ، يەنىلا رەت قىلدى. خىتاي يەنە 2001- يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كىيىنمۇ ئەركىن سودىنى چەكلەپ، چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سالمىقىنى چەكلەش، دۆلەت كارخانىلىرىغا ئالاھىدە ئىمتىياز بىرىش. يۇقىرى تىخنىكا كارخانىلىرىنى تىخنىكا ئۆتۈنۈپ بىرىشكە مەجبۇرلاش، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغۇرلاش، ساختا مەھسۇلاتلار، تېخنىكا كۆچۈرمىچىلىكى قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، سودا مەخپىيەتلىكىگە دەخلى- تەرۈز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشى باھانىسىدا ئامرىكا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئامرىكا كارخانىلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سىلىشىنى چەكلەش، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئامرىكا يۇقىرى پەن- تىخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سىلىشىنى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سودا ئۇرۇشى تېخىمۇ جىدىيلەشتى.

1:2- باسقۇچتا، 6- ئاينىڭ16- كۈنى ئامرىكا تەرەپ خىتاينىڭ 50 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى 1102 تۈرلۈك ماللىرىدىن 6- ئىيۇندىن باشلاپ %25 باج ئالىدىغانلىقى، ئىككىگە بۆلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى رەسمىي ئىلان قىلدى. ئوخشاش كۈندە، خىتايمۇ ئامرىكىنىڭ 50 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى دىھقانچىلىق، ماشىنا، سۇ مەھسۇلاتلىرىغا %25 باج ئالىدىغانلىقى، شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردىن باجنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1:3 - باسقۇچتا، 6- ئىيۇن ئامرىكا 9- ئايدا ئامرىكا 34 مىلىيارد دوللارلىق باجنى ئەمەلىيلەشتۈردى، قالغان 16 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي مىلىغا 23- ئاۋغۇسىتتىن باشلاپ %25 باج ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتايمۇ تەڭ قەدەمدە 50 مىلىيارد دوللارلىق ئامرىكا مىلىغا %25 باج ئىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن باسقۇچلۇق سودا ئۇرۇشى رەسمىي باشلاندى.

ئىكككىنجى قەدەم:
خىتاي ئامرىكىغا بىرگە بىر نىسبەتتە باج ئۆستۈرگەندىن كىيىن، تىرامپ كۈچلۈك رەددىيە قايتۇردى. بىراقلا خىتاينىڭ 200 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى ماللىرىغا %25 باج ئالىدىغانلىقى، خىتاي يەنە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتسە باج دائىرىسىنى 400 مىلىيارد دوللارغىچە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 3- ئاۋغۇست، خىتاي يەنە 60 مىلىيارد دوللار قېممىتىدىكى ئامرىكا تاۋارلىرىغا %5~%25 غىچە باج قوشۇدىغانلىقىنى، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش ۋاقتىنى ئايرىم ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشىدا ئومۇمىي نىسبەت 2:1 بولدى. ئىككى تەرەپ سودا ئۇرۇشى تېخىمۇ قىززىپ كەتتى ، ئىس- تۈتەكسىز جەڭ تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئەمما خىتاي بۇ قېتىم ئامرىكا بىلەن تەڭ سوممىدا، تەڭ مىقداردا باج قوشۇشقا ماغدۇرى يەتمىدى. ئامرىكا 200 مىلىيارد دوللار، باج مىقدارى ئىزچىل %25 بولدى. خىتاينىڭ60 مىلىيارد دوللار بولۇپ، باج مىقدارى %5~%25 گە چۈشتى. ئەگەر چۇرامپ راستىنلا 400 مىلىيارد دوللارلىق مالغا قەدەر باج ئۆستۈرسە، خىتاينىڭ رەد قايتۇرغۇدەك دەسمىيىمۇ قالمايدۇ.

ئۇنداقتا خىتاينى لاپ ئۇرغۇزغان دەسمىي نېمە؟ تۆۋەندە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىككى تەرەپ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى، سىياسىي جەھەتتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى، روسىيە، شىمالىي كورىيە مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

پۇرچاق بولسا خىتاي ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلىدىغان 10 خىل مەھسۇلاتنىڭ ئالتىنجىسى، شۇنداقلا بىردىنبىر يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى. خىتاي 2017- يىلى ئامرىكىدىن ئىمپورت قىلغان پۇرچاقنىڭ ئومومىي مىقدارى 30 مىلىيون توننا، قىممىتى 12-13 مىلىيارد دوللاردىن ئوشۇق. خىتاي %80 پۇرچاق سىرتتىن ئىپمپورت قىلىنىدۇ، ئامرىكىدىن ئىمپورت مىقدارى %65نى ئىگەللەيدۇ، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى پۇرچاق مەھسۇلاتىدىن 6.8 ھەسسە ئارتۇق. ئۆزى تىرىسا 1.3 مىلىيارد ئادەمنى بىقىش ئۈچۈن مۇھىم بولغان گۈرۈچ، بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تىرىيدىغان يەر يىتىشمەيدۇ. شۇڭا خىتاي پۇرچاقنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەي دىسە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى يۇقىرى. بىرازىلىيە ۋە ئارگىنتىنادىن ئىمپورت قىلاي دىسە، ئارگىنتىنادا قۇرغاقچىلىق يۈز بىرىپ، پۇرچاقنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى، باشقا دۆلەتلەردە يىتەرلىك يوق. پۇرچاق ئاساسلىقى يىمەكلىك ياغ ئىشلەش، چارۋا باقمىچىلىق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئامرىكا چوڭ پۇرچىقىدا بار ئۆسۈملۈك ئاقسىلى يىشىل پۇرچاقتا يوق، كالا سۈتىدە بار ھايۋانات ئاقسىلى خىتاينىڭ يىمەكلىك ئادىتى ۋە تەن سالامەتلىكىگە ماس كەلمەيدۇ. ماس كەلمىسىمۇ يەۋىرەي دىسە، ئاقسىل تولۇقلاش ئۈچۈن گۆش يىسە بولىدۇ. نەتىجىدە گۆش يىمەكلىكلەرنىڭ باھاسى ئۆسۈپ، زەنجىرسىمان مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئوخشىشى بار دىگەندىمۇ خىتاي باشقا دۆلەتتىن پۇرچاق سىتىۋالسا، باشقا دۆلەتلەر يەنىلا ئامرىكىدىن سىتىۋالىدۇ-دە، ئامرىكىغا ئەجەللىك ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ. نەتىجىدە خىتاي ئامرىكىغا زىيان كەلتۈرمەكتە يوق، ئۆزى ئاۋال زىيان تارتىدۇ. شۇڭا گەرچە خىتاي پۇرچاق ئىمپورت قىلىشنى چەكلەپ باققان بولسىمۇ، بىر ئايغا بارمايلا قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى.

خىتايلار ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئامرىكىغا قارشى تۇرماقچى بولدى. ئامرىكىنى دۇنيا سودا ئەركىنلكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، باجنى قالايمىقان قىلدى. ئامرىكا ئىران يادرو كىلىشىمىدىن چىكىنىپ چىقىپ، ئىران بىلەن سودا قىلغان شىركەتلەرنى جازالاپ، ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەتىگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. شۇڭا ياۋروپا بىلەن خىتاي بىرلىشىپ، ئامرىكىغا قارشى تۇرۇشى كىرەك" دەپ ۋەزخانلىق قىلدى. ئەمەلىي قەدەم سۈپىتىدە ۋەكىل ئەۋەتتى، يىغىن ئاچتى. گىرمانىيە بىلەن سودا كىلىشىملەر تۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق قۇربانى لىيۇشىياۋبونىڭ ئايالى لىيۇشىيانى گىرمانىيەنىڭ تەلىپى بىلەن بىرلىنغا ئۇزۇتۇپ قويدى. گىرمانىيە ۋە باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئامرىكا بىلەن يەنىلا ئوخشاش دىموكراتىك تۈزۈم، ئەركىن سودا ئەخلاقى، قىممەت قاراش ۋە زىچ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە ئىگە. خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاش، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سىلىش، تېخنىكا ئوغۇرلاش، ناتوغرا سودا رىقابىتى، خىتاينىڭ چىرىك تۈزۈم ۋە ناچار كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئوخشاشلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر تەنقىدلەپ كىلىۋاتقان مەسىلە. تېخى 2- ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلە قىلغىنىنى ئەيىبلەپ، چەكلەش قانۇنىنى تۇرغۇزۇش تەكلىپى قوللاشقا ئىرىشكەن. خىتاينىڭ گىرىتسىيە، ۋىنگىرىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق شەرقىي ياۋروپادىكى ئىقتىسادى ئاجىز دۆلەتلەرگە ئۈستەك بىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۆلمەكچى بولۇشى ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغان. ئەمدى قوپۇپ ئامرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئارىسىنى بۆلمەكچى بولسا،ياۋروپا خىتايغا ئىشىنەمدۇ؟ چۇرامپ ھەرقانچە يولسىز بولسىمۇ، ئۇزۇن بولسا 7 يىلدىن كىيىن ئامرىكا پىرىزدىنتلىقىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە قىيىنچلىقنى دەپ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر تۇغقان قىرىندىشى ئامرىكىدىن ۋاز كىچەمدۇ؟ بۆرىدىن قىچىپ يولۋاسقا تۇتۇلامدۇ؟خىتاي بۇ چوتنى بەكلا خام سوقۇپ، دەككىسىنى يىدى. ئامرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، 7- ئايدا تىزلا كىلىشىم ھاسىل قىلىپ، 3 تۈرلۈك ئىشتا كىلىشىم ھاسىل قىلىپ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلاشتى. ئۇلار : 1- ماشىنىدىن باشقا بارلىق ماللارغا ئۆ- ئارا باجسىز، تولۇقلىمىسىز، باراۋەر ئەركىن سودىنى يولغا قويۇش، 2- ياۋروپا ئامرىكىدىن كۆپلەپ پۇرچاق، ئىنىرگىيە بايلىقى سېتىۋىلىش، 3- دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۈز قىلىش قىلمىشىغا تەدبىر قوللاتقۇزۇش. بۇ ئىتتىپاققا خىتاينىڭ قوشنىسى ياپونىيەمۇ قېتىلدى، دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ باي ئۈچ ئىقتىسادىي گەۋدە بىرلىشىپ، خىتاينى يالغۇز قويدى. خىتاي ئامرىكىنىڭ يۇقىرى پەن- تېخنىكا، سانائەت بويۇملىرىغا باج ئۆستۈرەي دىسە، ئۇ ۋاقىتتا دەل ئامرىكىنىڭ كۆڭلىكىدەك ئىش بولىدۇ. خىتايدىكى ئامرىكا كارخانىلىرى ئامرىكىغا قايتىدۇ، خىتاي تېخنىكا ئوغۇرلىيالمايدۇ، خىتاينىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى چېكىنىدۇ.

خىتاينىڭ ئىستىرادىگىيەلىك ئىتتىپاقدىشى روسىيە بولسا 2014- يىلى كىرىمىيەنى ئۇكرائىنادىن تارتىۋالغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى نەتىجىسىدە ئىقتىسادىي قاتتىق چىكىندى. 2015- يىلى سۈرىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، كۆپ چېقىم تارتتى. روسىيەنىڭ شىمالىدا تۇپراق يوق، غەربىدە ياۋروپا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزىۋاتىدۇ. شەرقىدە نوپوس ئاز، ئىقتىسادىغا كۈچ بەرگۈدەك دۆلەتمۇ يوق، موڭغۇلىيە، شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ جىنىنى ئۆزى ئاران باقىدۇ. روسىيە كۈچلىنىش ئۈچۈن چوقۇم جەنۇبقا - ئوتتۇرا ئاسىيا، قاۋقازدىكى ئىنىرگىيە مەنبەلىرى ۋە بازارغا ئىھتىياجلىق. روسىيە ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلىق ساقلىغان بىلەن، خىتاينىڭ ئورتا ئاسىيادا قۇرۇۋاتقان ھەربىي بازىلىرى، سودا بازارلىرى، ئىگەللىۋالغان يەرلىرىدىن تەشۋىشتە. خىتاي بولسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق روسىيەدىن بۇ بازارلارنى تالىشىۋاتىدۇ، روسىيە بۇنىڭغا بىر نەچچە قىتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنمۇ بولدى. روسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئاجىز، خىتاي روسىيەدىن تەبىئىي گاز سېتىۋالىدىغان ئاساسلىق دۆلەتنىڭ بىرى بولمىسا ئىدى، روسىيە بۇ كەمگىچە سەۋىر قىلمىغان بولاتتى. ئەگەر ئامرىكا روسىيەگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي ئىمبارگونى بىكار قىلىش بەدىلىگە روسىيەنى خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلاشىشىقا تەكلىپ قىلسا، روسىيە ئەلۋەتتە رازى بولىدۇ، ئۇچاغدا خىتاي تېخىمۇ تەس كۈنگە قالىدۇ. ئەمما روسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا ئامرىكا پارلامىنتى قوشۇلمايدۇ. شۇنداقتىمۇ چۇرامپ پۇتىن بىلەن 7- ئايدا كۆرۈشۈپ، ئامرىكا- خىتاي سودا ئۇرۇشىدا داۋاملىق بىتەرەپ تۇرۇشقا قايىل قىلدى.

چاۋشىيەن مەسىلىسىدە بولسا، چۇرامپ بىلەن كىمجۇڭئۇن سۆھبەت مەزگىلىدە، كىمجۇڭئۇن خىتايغا ئۇدا ئۈچ قىتىم زىيارەتكە بىرىپ شى جىنپىڭدىن يوليورۇق ئالدى. كىم جۇڭئۇن بىلەن چۇرامپ گەرچە 6- ئايدا شىمالىي كورىيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش توغرىسىدا كىلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، شىمالىي كورىيە يەنىلا كىلىشىمنى ئەمەلىلەشتۈرمىدى. چۇرامپ ھازىر پەردە ئارقىسىدا ئويۇن ئويناۋاتقان خىتاينى ئەيۋەشكە كەلتۈرمىگۈچە، كىمجۇڭئۇننى ئەيۋەشكە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. چاۋشىيەننىڭ دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا خىتايغا ئىككى ئېغىز ھەيۋە قىلىپ قويىۋىدى، شى جىنپىڭ 4- سىنتەبىر شىمالىي كورىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەگەر خىتاي يەنىلا چاۋشىيەن يادرو مەسىلىسىنى كوزۇر قىلىمەن دىسە، خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، ئىقتىسادىي ئۇرۇشتا تېخىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.

خىتاي ئامرىكا ماللىرىغا باجنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كورىيە، ھىندىستان، لائوس، بىنگال، سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇش، باجنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى قوللانغان بىلەن زىيان يەنىلا خىتايغا بولىدۇ. بىرى يۇقارقى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئاشلىق ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، تېخنىكا كەمچىلىللىكىنى تولۇقلىيالمايدۇ. يەنە بىرى خىتايدىكى شەخسىي كارخانىلار ئەرزان ئەمگەك كۈچى ۋە ئامرىكىنىڭ تۆۋەن چىگرا بىجىنى كۆزلەپ، شۇ دۆلەتلەرگە كۆچۈپ چىكىتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. خىتاي گەرچە سودا بازىرىنى ئافرىقىغا يۆتكەيمەن دەپ پو ئاتقان بىلەن، ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئافرىقىغا ئىكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 50 مىلىيارد دوللار، ئامرىكىغا 470 مىلىيارد. خىتاي ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەرنىڭ سودا بازىرىنى ئىچىپ، ئىستىمال سەۋىيەسىنى ئامرىكىغا يەتكۈزگۈچە تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تىگىدۇ.
ئامرىكا تەرەپتىن ئالساق، ئامرىكا خىتايغا باج قويغان ماللار ئىچىدە كۆپىنچىسى سانائەت بويۇملىرى بولۇپ، ئامرىكا بۇلارنى باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلسىمۇ بولىدۇ. ئامرىكا خىتايغا ئىمپورت قىلغان ماللار يىمەك- ئىچمەك، مىۋە- چىۋە، دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدەك پەسىللىك، ئىھتىياج زور ئەمما تەمىنلەش تەس نەرسىلەر ئەمەس. كىيىم- كىچەكنى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن، ئىلىكتىرونلۇق بويۇملارنى تەيۋەن، كورىيە، ياپوندىن كىرگۈزسە بولىدۇ. باھاسىدا ئازراق پەرق كۆرۈلسىمۇ 10 قۇر كىيىم كەيمەي 5 قۇر كىيىم كەيسە، خۇاۋىي ئىشلەتمەي سامسۇڭ ئىشلەتسە بولىدۇ. خىتاي ئامرىكا خەلقى خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ماللىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. ئامرىكا دىھقانچىلىق مەيدانلىرى خىتاي بازىرىدىن قول ئۈزەلمەيدۇ، ئاندىن ئۇلار چۇرامپغا بىسىم قىلىپ سودا ئۇرۇشىنى توختاتقۇزىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. چۇرامپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىھقانلارغا 120 مىلىيون دوللار تولۇقلىما پۇل بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئامرىكىدىن كۆپلەپ دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سېتىۋىلىشقا كۆندۈردى. نۆۋەتتە، ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئىشىپ، ئىش ئورنى كۆپىيىپ، چۇرامپنى قوللاش نىسبىتى پىرىزدىنتلىققا سايلانغان ۋاقتىدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئامرىكىنىڭ 11- ئايدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام مەزگىلى خىتاينىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى ئىدى، بۇ خامچوتىمۇ سۇغا چېلىشىشقا باشلىدى.
ئامرىكا يەنە خىتاينىڭ پولات، ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا باج ئۆستۈرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۈچىنجى بىر دۆلەت ئارقىلىق ئامرىكىغا پولات، ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى ئىكىسپورت قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن مىكسىكا، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ باج ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئىيىتقان ئىدى. بۇ دەسلەپتە خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان. ئامرىكا ئۇلارغا ئەسلى مەقسەت پەقەت خىتايدىن ئاقتۇرما يول ئارقىلىق كەلگەن پولات، ئاليۇمىن مەھسۇلاتلارغىلا باج ئۆستۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەنىدى، ئۇلارمۇ رازى بولدى. بىر قىتىم خىتاي ئامرىكا مال پاراخوتىنى ياندۇرىۋەتكەن ئىدى، شۇئان كورىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي ياندۇرىۋەتكەن مالنى تالىشىپ سېتىۋالدى. خىتاي بۇ چەكلەشنىڭمۇ ئاقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى.

ئامرىكا 22- مارتتا، خىتاينىڭ 50 مىلىياردلىق مېلىغا %25 باج ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە ئىشلار بولدى؟ 17-مارتتا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قايتا رەئىسلىككە سايلىنىپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىپ رەئىسلىك مۇددىتىنى بىكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت پادىشاھلىق قارا نىيىتىنى ئاشكارىلىدى. بۇ مەزگىلدە ئامرىكا تەيۋەن ساياھەت قانۇنىنى ماقۇللىدى، تىبەتكە 17 مىلىيون دوللار تەستىقلىدى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى ئۇيغۇر لىكتورلارنى ئاقسارايدا كۈتىۋالدى. ئامرىكا ھىلىھەم تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئامرىكا بۇ كوزۇرلارنى ئالدىرىماي ئوينىسىمۇ ھىرىپ قالمايدۇ.

خىتاينىڭ ئامرىكىغا ئىكىسپورت مىقدارى، ئامرىكىدىن كىرىدىغان ئىمپورت مىقدارىدىن 4 ھەسسە ئارتۇق. خىتاي ئەڭ كۆپ بولسا 130 مىلىيارد دوللارلىق مالغا باج قوشالىسا، ئامرىكا 470 مىلىيارد دوللارلىق مالغا باج قوشالايدۇ. ئامرىكىنىڭ ئومومىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى خىتايدىن 65% ئارتۇق، خىتاي ئۇزاق مەزگىللىك سودا ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئامرىكىنىڭ سېستىمىلىق، خەلقئاراغا كۆلەملەشكەن پۇل- مۇئامىلە بازىرى بار، ئامرىكا دوللىرى بار، خىتاينىڭ يوق. ئامرىكىنى قوللايدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيەدەك ئەڭ باي دۆلەتلەر بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرى پەن- تېخنىكا رايونلىرى، ئەقلى مۈلۈكنى قوغدايدۇ. پەن –تىخنىكا ئۈستۈنلۈكى ئۇلارنى خىتايدىكى سودىدا ئۈستۈن تۇتىۋاتقان ئەڭ مۇھىم نەرسە، تېخنىكا ئەڭ مۇھىم كاپىتال. خىتايدىكى 29 خىل سانائەت بويۇملىرىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق تېخنىكىسى چەتئەلدە. خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر- ئالاقە شىركەتلىرىدىن جۇڭشىڭ شىركىتى ئۆز ئالدىغا ئۆزەك ئىشلەپ چىقىرىشقا قادىر بولالمىغاچ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ چۇرامپقا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ 400 مىلىيون دوللار تۆلەم بەدىلىگە جۇڭشىڭ شىركىتىنى ساقلاپ قالدى. ئامرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرالىسا خىتاينىڭ19- قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويغان 2025- يىللىق پىلانى سۇغا چىلىشىدۇ. چۈنكى ئۇ پىلان خىتاينى پەن- تېخنىكا ساھەسىدە يىتەكچى ئورۇنغا چىقىرىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ نىشان ئەمەلگە ئاشمىسا بۈيۈك دۆلەت پىلانىمۇ ئەمەلگە ئاشالمايدۇ.
خىتاي 20 يىلدىن بۇيان خەلقئارا سودا قائىدىسىگە رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، قوللايدىغان ئادىمى يوق. ئامرىكا سودا ھۇجۇمىنى قانچە تىز، قانچە جىددىي ئىشقا ئاشۇرسا، خىتايغا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باھانە قىلىپ ۋاقىت ئۇتۇشقىمۇ پۇرسەت بولمايدۇ. ئەگەر ئامرىكا باج سوممىسىنى راستىنلا 400 مىلىيارد دوللارغا يەتكۈزسە خىتاينىڭ %95 ماللىرىغا باج ئۆستۈرۈلىدۇ. %10 باجنىڭ نەتىجىسى، يىللاردىن بىرى %3.3 باج بىلەن ئامرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان خىتاي ماللىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى چوڭ زەربە بولىدۇ. سودا ئۇرۇشى باشلىنىپ بولدى، خىتاي ئەمدى ئەمدى ئۇنى توختىتىش ئەمەس، كۆلىمىنى كىچىكلىتىشكە تىرىشىدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن 200 مىلىيارد دوللارلىق مالغا باج ئىلىش ئىشى رەسمىيلەشسە، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئامرىكا بازىرىدىكى ئەزان باھالىق ماللىرىنىڭ رىقابەت كۈچى قالمايدۇ. خىتايدىكى كارخانىلار ۋەيران بولۇپ، نەچچە يىل ئىچىدىلا 60 مىلىيون ئادەم ئىشسىز قالىدۇ. ئىشسىزلىق مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ، بولۇپمۇ خىتايدەك ئىشسىزلىق ئېغىر، نوپوس كۆپ دۆلەتتە. ھىلەتىن خىتايدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مۇئاش تارقىتالماسلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىڭتۈەن6- دىۋىزىيە قەرىز بولۇپ قىلىش، ساقچىلارنىڭ مۇئاشى كىچىكتۈرۈلۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. مەن بۇ ئۇرۇش ئوتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى، خىتاينىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى، تۈرمىلىرى، يىغىۋىلىش لاگىرلىرى كۇمپەيكۇم بولىشىنى تىلەيمەن!

2018- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى

..
.
.
The administrator has disabled public write access.
Time to create page: 0.223 seconds
Power by: Arslan Rahman